تۈر:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى, بلوگ ئۇچۇرلىرى, خەۋەر-ئۇچۇرلار |24 قېتىم كۆرۈلدى|2010-يىلى 07-ئاينىڭ 05-كۈنى
Pjblog4نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ ھەركۈنى Pjblogنىڭ باشبېتىنى چۆرگىلەيتىم،ئۇ يەردە ھەركۈنى دىگۈدەك Pjblog4نىڭ جىدىلى بۇلاتتى،بەزىلىرى ئاچقۇچى تەرەپتىن ھىچ بولمىسا Pjblog4نىڭ ئېچىلىش چېكىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا،بەزىلىرى ھىچ بولمىسا ئالدى-كەينى سۇپىسىدىن ئازراق بولسىمۇ قىيما سۆرەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلاتتى،بەزىلىرى ھەتتا يولسىزلارچە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىسە،ئۆزلىرىنىڭ Pjblogنى تاشلاپWordpressكە كۆچىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ،تەھتىت سالاتتى…
ئۇ يەر-يېقىندىن بىرى بەكلا چۆلدەرەپ قالدى،مېنىڭمۇ Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي يەنە باشقىچە بىر سېستىمىنى سىناپ بېقىش ئويۇم كەپقالدى،ئۇنىڭ ئالدىدا Blogbusدىن،Z-blog,mblogلارغىچە چۆرگىلەپ،كوچىلاپ بېقىپتىمەن،كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسامغۇ،Pjblog ھەقىقەتەن ئېسىل،قولايلىق ئىكەن،ئەمما،ئۇ يەنىلا ‹‹جۇڭگۇ››چە ئىدى، ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سېستىمىنى ئېچىۋاتقانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا يېڭىلىشچانلىقى بەك ئاستا ئىدى،،بۇ كەمچىلىكلەر ئاجايىپ ئۈنۈم بىلەن تەسەۋۋۇرغا ماسلاشتۇرۇپ تېخنىكا ئۆگۈنۈشنى ئىزدەيدىغان مەندەك تور ھەۋەسكارىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى،شۇنداق قىلىپ،يېقىندا Wordpressنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم…
بىرنەچچە كۈنلۈك يازما رەتلەش مەزگىلىدە،بلوگ يىزىشدىكى مەقسىدىم شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇزاق ئويلاندىم،بۇ ئويلىنىش ئىچىدە بلوگىمدا ئەسلى ياخشى دەپ باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا،ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق دەپ قارالغان بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم،بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى بىرئاز رەتلەي دەپ نۆۋەتتىكى يېڭى تۇرايىمنىڭ مەزمۇنىغا قوشمۇدۇم،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل مەزگىلى بولۇپ قالغاچ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئېنىقلا يىتەرلىك ئىدى،شۇڭا…مەزمۇن يېڭىلىنىشى ھەمدە سەل ئاستىلايدىغان بولدى.ھىچقىسى يوق،نىشان ئېنىق،ئېنىق نىشاندا مەنزىلىمگە ھامان يېتۇرمەن.
ئويلىماپتىكەنمەن،Wordpress ھەقىقەتەن بىر كانكەن،سەرخىل قىستۇرمىلار،كۆركەم ئۇسلۇبلار…مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي Wordpress غا سالام ئېيتىپ،ئۇنىڭ دۇنياسىغا قەدەم ئالدىم،ئىھ،بۇ قەدەملىرىم قۇتلۇق بولغىيدى!




ئۇيغۇربەگ(خەنزۇچە)بلوگى
پرىستان بلوگى
ئەپەندى سودا تورى
خەنجەر تورى
رازىمەن تورى
كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى
ئوۋچى تور خاتىرىسى
ئۆركەش بلوگى
ئۇزھال بلوگى
ئېلتەبىر بلوگى
زىرەك ئۇيغۇرمۇنداق دېدى:
ئىنكاس ۋاقتى:2010-يىلى 07-ئاينىڭ 13-كۈنىمىنىڭمۇ كۆچكۈم كىلىپ كىتىپ بارىدۇ
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
ئۇيغۇربەگ مۇنداق دېدى:
ئىيۇل 14th, 2010 04:42
كۆچۈپ كېلىڭ بولمىسا،بىرگە ئۆگىنىمىز!….
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
دولقۇن731مۇنداق دېدى:
ئىنكاس ۋاقتى:2010-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنىمۇبارەك بولسۇن ! بۇبەت بەك ئايدىيمۇ قانداق ؟؟؟ ئازىراق بىزەيلى بولسا
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
ئۇيغۇربەگ مۇنداق دېدى:
ئىيۇل 21st, 2010 22:57
ھازىرچە مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كۆرەي،يازمىلىرىمغا بەكەرەك كۈچەيمىكىن دەيمەن…
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
زىرەك ئۇيغۇرمۇنداق دېدى:
ئىنكاس ۋاقتى:2010-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنىشۇ بوشلۇق يوق ھەمدە بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىپ باقمىغان قانداق بۇلا
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
ئۇيغۇربەگ مۇنداق دېدى:
ئىيۇل 21st, 2010 22:58
ئەمىسە مەن كىيىنچە،ھەقسىز بوشلۇق ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي،ئاندىن سىز ئۇ بوشلۇقنى ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تورۇپ تەجرىبە توپلارسىز…
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
سەھرامۇنداق دېدى:
ئىنكاس ۋاقتى:2010-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنىماۋۇ مائۇسنى تۇتسىلا لاپىلدايدىغان ئۈنۈم كۆزگە بەك تەسىر قىلىدىكەن، خاپا بولماي http://www.torhumar.com نى بىر كۆرۈپ باقامسىز؟ بۇ بىكەتمۇ يارىدى، لىكىن دۇخاۋا رەخىتتەك نەرىنى تۇتسا پىلدىرلاپ كىتىدىكەن…..
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]
ئۇيغۇربەگ مۇنداق دېدى:
ئىيۇل 21st, 2010 23:04
قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەن ئىدىڭىز؟
[بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار]