‘wordpress تەتقىقاتى�� سەھىپىسىدىكى يازمىلار

uslub conew1 [Wordpress ئۇسلۇبى] cavanoئۇسلۇبى زاۋۇتتىن چىقتى

مەزكۇر ئۇسلۇب-كەمىنە ئۇيغۇربەگ Wordpressكە كۆچۈش جەريانىدا،ئىشلەتمەكچى بولغان كاندىدات ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى ئىدى،تەتىل توشۇشقا ئاز قالغان مەزگىللەردە بۇ ئۇسلۇبنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆزلەشتۈرۈپ چىقتىم. More »

تۈر:wordpress تەتقىقاتى | 3 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 51 قېتىم

bayrakuchur [wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى)

‹‹Wordpress ئىنكاس رايونىنى بىزەش››ناملىق يازمامنى تەييارلاش داۋامىدا، بىر يەردە بىر ئالاھىدە قىستۇرمىنى غىل-پال كۆرۈپ قالغانىدىم،كىيىن نىمە شەيتان ئازدۇردى بۇ قىستۇرمىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.بۈگۈن،خوشنا بلوگلارنى ئارىلاۋېتىپ ئۇ قىستۇرمىنى خۇددىي 8-قىتئەنى بايقىغاندىكى ئىلھامدا بايقاپ ئاندىن قېدىرىپ چىقتىم،بۇ زادى قانداق قىستۇرما؟دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن! More »

تۈر:wordpress تەتقىقاتى | 2 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 34 قېتىم

uqurmenler temis

بۇ ۋوردپرېسسچىلەر ئارىسىدا بىرقەدەر مودا بولىۋاتقان ‹‹ئوقۇرمەنلەر تېمى››(ئىنكاسچىلار تېمى) ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشدا ئىشلىتىدىغان قىستۇرما بولۇپ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. More »

RCWAVATAR [Wordpress تېخنىكىسى]  باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى

قايسى كۈنى،تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاتايىن ئېشىكىنى مېنىپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ ‹‹ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان››لىقىمنى تەبرىكلىگەچ،ئاۋۇ بەت يېنىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمنى سوراپ كەتكەنىدى،مەن ئەپەندىمگە ئالدىراشچىلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ‹‹رېتسىپ››نى كىيىنچە دەپ بىرىشىمنى سوراپ ئىشىمنى قىلىۋىرىپتىمەن،نەدىن بىلەي،ئەپەندى شۇ بىر يامانلاپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،شۇنداق بىر كىشىنى يامانلىتىپ قويغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئاخىرى بۇ رېتسىپلارنى تۇرايىمدا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم،نەسىرىدىن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ئاچچىقى يېنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. More »

asdasd [Wordpress تېخنىكىسى ]Wordpress ئىنكاس رايونىنى بىزەش
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس رايونى ئۈنۈمىگە قىزىققان بەزى تورداشلار ئۇنى قانداق ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئاللار سوراشقانىدى،بۈگۈن،بۇ ئۈنۈملەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يازما تەييارلاپ چىقتىم،قېنى،ھەۋەسكارلار بىرلىكدە ئىزدىنىپ چىقايلى. More »

oyalr Wordpress  &  Pjblog: سەن يامانمۇ مەنمۇ؟...

Pjblogدىن ئايرىلىپ،Wordpressكە كۆچۈپ كېلىۋالغانلىقىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتى،كۆچۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ بۇ يېڭى سېستىمىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ باھانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم.ئەسلىدىكى ئويۇمدا،Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ،ئاندىن بىرەر ئاۋانگارت توپى تەشكىللەپ ياكى قۇرۇلغان شۇ توپقا قوشۇلۇپ Pjblogنىڭ بۇ يېڭى نەشىرىنى كۈتۈۋېلىش ئويىدا يۈرگەنىدىم.كۈتە،كۈتە ساقلا،ساقلاپ تاقىتىم تاق بولۇۋاتاتتى،خۇددىي ‹‹[ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟›› ناملىق يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك،‹‹نەچچە قېتىم Wordpress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم…››(قاراڭ: [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟)،ئەمماPjblog4نىڭ قارىسى تۈگۈل،ئۇچۇرىمۇ يوق بولدى….ئاخىرى،Wordpressنىڭ ئۇسلۇب،قىستۇرما كانى ۋە يېڭىلىنىشچانلىقىنىڭ تىزلىكى قاتارلىق ئامىللار،شۇنداقلا مېنىڭ ‹‹يېڭى تۇرمۇش››نى تېتىپ بېقىش ئارزۇيۇم،ئاخىرى قەدىناس Pjblogدىن خوشلۇشۇپ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،Wordpress دۇنياسى…››دەپ بۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇم.
More »

تۈر:wordpress تەتقىقاتى | 15 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 12 قېتىم

bax conew2 [Wordpress قىستۇرمىسى] Custom Smilies قىستۇرمىسى ھەققىدە

WordPressنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بايقىدىڭىزمىكىن،wp-includes/images/smilies كاتالوگىدا بىر قىسىم چىراي ئىپادە رەسىم ھۆججەتلىرى ساقلانغان،ئەمما،WordPressنىڭ ئۆزىدە بۇ چىراي ئىپادىلىرىنى قوزغىتىدىغان فۇنكىسىيە يوق.ئۇنى يېڭى كود قوشۇش ئارقىلىق ياكى قىستۇرمىلار ئارقىلىق قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. Custom Smilies -مۇشۇنداق قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ ئارقىلىق يازما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا چىراي ئىپادىلىرىنى قوشۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Custom Smiliesنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 2.9.1 بولۇپ،Wordpress 2.5دىن تۆۋەن نۇسقىلىرىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.سىز تېخى خالىغان چىراي ئىپادىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
More »

تۈر:wordpress تەتقىقاتى | 10 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 15 قېتىم

bax2 conew1 ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرما: Recent Comments with Avatars

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس رايونىنى Wordpress قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ،بۈگۈن ئاشۇ قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ تارقىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.بەلكىم،مۇشۇنداق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا نەپ تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قىستۇرما نامى: Recent Comments with Avatars (باش سۆرەتلىك يېقىنقى ئىنكاسلار)
قىستۇرما ئاپتورى:Peter Sterling
ئاپتور ۋە ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل: http://wordpress.org/extend/plugins/profile/peterwsterling
ئۆزلەشتۈرگۈچى:ئۇيغۇربەگ
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2010-08-01
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ:  Firefox,IE6,IE7,IE8,Safari,Opera,世界之窗,360游览器
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: Wordpress 2.8.9
More »

pjwp Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈش جەريانى

شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن… More »