‘تەجرىبىلىرىم�� سەھىپىسىدىكى يازمىلار

shehsbchqwkg شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى

يۈكسەل بلوگىدىكى ‹‹كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى›› نامىدىكى سەرلەۋھەلىك يازما ئېلان كىيىن،بەزى شەخسىي بلوگگېرلار(بلوگچىلار) ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىدى.شۈبھىسىزكى،كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ شەخسىي بلوگلارغا قارىغاندا ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق،ئەمما،شەخسىي بلوگچىلارنىڭ كەلگۈسى چوقۇم كۆپ كىشىلىك بلوگغا ئايلىنىش جەريانىدۇ؟بۇنىسى بىزگە نامەلۇم،بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ئاساسدا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،بەلكىم،يېڭى بلوگ يېزىشنى باشلىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ مەدەت بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.

More »

RCWAVATAR [Wordpress تېخنىكىسى]  باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى

قايسى كۈنى،تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاتايىن ئېشىكىنى مېنىپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ ‹‹ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان››لىقىمنى تەبرىكلىگەچ،ئاۋۇ بەت يېنىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمنى سوراپ كەتكەنىدى،مەن ئەپەندىمگە ئالدىراشچىلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ‹‹رېتسىپ››نى كىيىنچە دەپ بىرىشىمنى سوراپ ئىشىمنى قىلىۋىرىپتىمەن،نەدىن بىلەي،ئەپەندى شۇ بىر يامانلاپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،شۇنداق بىر كىشىنى يامانلىتىپ قويغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئاخىرى بۇ رېتسىپلارنى تۇرايىمدا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم،نەسىرىدىن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ئاچچىقى يېنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. More »

asdasd [Wordpress تېخنىكىسى ]Wordpress ئىنكاس رايونىنى بىزەش
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس رايونى ئۈنۈمىگە قىزىققان بەزى تورداشلار ئۇنى قانداق ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئاللار سوراشقانىدى،بۈگۈن،بۇ ئۈنۈملەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يازما تەييارلاپ چىقتىم،قېنى،ھەۋەسكارلار بىرلىكدە ئىزدىنىپ چىقايلى. More »

oyalr Wordpress  &  Pjblog: سەن يامانمۇ مەنمۇ؟...

Pjblogدىن ئايرىلىپ،Wordpressكە كۆچۈپ كېلىۋالغانلىقىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتى،كۆچۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ بۇ يېڭى سېستىمىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ باھانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم.ئەسلىدىكى ئويۇمدا،Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ،ئاندىن بىرەر ئاۋانگارت توپى تەشكىللەپ ياكى قۇرۇلغان شۇ توپقا قوشۇلۇپ Pjblogنىڭ بۇ يېڭى نەشىرىنى كۈتۈۋېلىش ئويىدا يۈرگەنىدىم.كۈتە،كۈتە ساقلا،ساقلاپ تاقىتىم تاق بولۇۋاتاتتى،خۇددىي ‹‹[ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟›› ناملىق يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك،‹‹نەچچە قېتىم Wordpress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم…››(قاراڭ: [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟)،ئەمماPjblog4نىڭ قارىسى تۈگۈل،ئۇچۇرىمۇ يوق بولدى….ئاخىرى،Wordpressنىڭ ئۇسلۇب،قىستۇرما كانى ۋە يېڭىلىنىشچانلىقىنىڭ تىزلىكى قاتارلىق ئامىللار،شۇنداقلا مېنىڭ ‹‹يېڭى تۇرمۇش››نى تېتىپ بېقىش ئارزۇيۇم،ئاخىرى قەدىناس Pjblogدىن خوشلۇشۇپ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،Wordpress دۇنياسى…››دەپ بۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇم.
More »

uslub conew11 تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى

تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى،نۆۋەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ.

تۇرايىمىزغا ئىشلىتىلگەن ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىمىز گەرچە ئىقتىدارى خېلى كۆپ،چىرايلىق بولغان بولسىمۇ،ئەمما،بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەردە ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغاچقا،زىيارەتچىلىرىمىزگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ،بەزى ئىنكاسلار پەيدا بولغانىدى،بۇ مەسىلىلەرنى ئوڭشاشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى،شۇنداقلا ئەسلىدىلا ئۇسلۇبقا ئارتۇق كىرىپ قالغان ئىقتىدار،شۇنداقلا ئىقتىدار تۇلۇقلاش جەريانىدا قۇشۇلۇپ قالغان كودلار بىرلىشىپ،بلوگ كۆرۈنۈشىنى نورماللاشتۇرۇشقا قۇدرىتىم يەتمىدى.ئاخىرى،زىيارەتچىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇسلۇبنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ چىقتىم.

More »

pjwp Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈش جەريانى

شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن… More »

phpنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، php مۇھىتى ھازىرلاش بىرقەدەر قېيىن بولغان ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەۋەسكارلارغا php مۇھىتىنى AppServ ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە،قولايلىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مەزكۇز يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن(AppServ ئارقىلىق php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىغىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە
Apache مۇلازىمېتىرى،MySQL ساندان،phpMyAdmin قاتارلىقلارنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ)

ئاۋۋال،توردىن ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەشىردىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشۈرىمىز.ئوخشىمايدىغان نەشىردىكى بۇ يۇمتالنىڭ پەرقى پەقەت شۇ Apache مۇلازىمىتىرى،MySQl ساندانى نەشىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئېبارەت.بۇ يەردە بىز 2.5.10 نەشىرىدىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشەندۈرىمىز.
More »

يېقىندىن بىرى مىكروسوفىتنىڭ office 2010 MSDN سېستىمىسى ناھايىتى قىززىپ كىتىۋاتىدۇ.بۇنىڭسىزمۇ Microsoft office يۈرۈشلۈك يۇمتاللىرىنىڭ مەيلى كۆرۈنۈش،ئىقتىدار ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ئىشخانا ئاپتوماتلىشىش ساھەسىدىكى مونۇپۇللۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،مىكروسوفت شىركىتى Office 2010 سېستىمىسىغا تېخى رەسىم قىيىۋېلىش،تەگلىك يۆتكەش،قوغداش ھالىتى،ئاپتور ھوقۇقىنى قوغداش دىگەندەك بىرمۇنچە يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ،Office نىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىۋەتتى.
ئەمما،مىكروسوفتنىڭ خىيالىنىڭ ئەكسىچە،نۇرغۇن ئابونتلار بۇنداق ھەشەمەتلىك ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەن.دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئابونتلار ھېلىھەم office 97-03 دەۋرىدە تۇرماقتا ئىكەن.مەنمۇ تېخى بىر قېتىم ( docx(word2007 ھۆججىتىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپ باسمىخانىسىغا كىرسەم،كومپىيۇتېردا تۇنۇيالماي ئاخىرى ياتاققا قايتىپ ھۆججەت شەكلىنى ئالماشتۇرۇپ چىققانىدىم.
More »

تۈر:تەجرىبىلىرىم | ئىنكاس يوق |ئوقۇلىشى: 5 قېتىم

مىكروبلوگ سېستىمىسى ھەققىدە:
1.بۇ سېستىمىنىڭ ھەجىمى كىچىك،ئىشلىتىش ئوڭاي بولغان ASP سېستىمىسى بولۇپ،ئىسمى-جىسمىغا لايىق مىكروبلوگدۇر.
2.بۇ سېستىما شەخسىيلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ ،ئارقا سۇپىغا كىرگەندىن كىيىن يازما يوللىغىلى بولىدۇ.
3.خالىغان كىشى ئىختىيارىي ھالدا يازما يوللىسا بولىدۇ،ھەمدە url ۋە color دىن ئىبارەت ئىككى UBB خەتكۈچى ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى قوشالايدۇ.
4.پارول ۋە ئەزا نامىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بار.
5.SQL تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
6.بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز config.asp دىن ئۆزگەرتىڭ.
7.سېستىما ھەمدە سېستىمىغا يانداشقان ئۇسلۇب كودلىرى ئېچىۋېتىلگەن.
8.ئارقا سەپكە كىرىش ئۈچۈن login.aspگە كىرىڭ.
9.باشقۇرغۇچى نامى:admin پارول : admin888
10.بۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ توربەت قۇرسىڭىز بولىدۇ!ئەمما ئەسكەرتىش،قېلىنلىق قىلىپ نەشىر ھوقۇقىنى چىقىرىۋەتمەڭ،ۋىجدانلىق ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن!
كۆرۈنۈشى:

1201058143233 [تۇرايىمىزدىن سوۋغا]مىكروبلوگ سېستىمىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ

كۆرۈش ئادرىسى:
http://uyghurbeg.net/mblog
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

مەزمۇن باشقۇرۇش سېستىمىسى،قىسقارتىلما نامى CMS ،بىرخىل يوللاشقا ھەمدە ناشقۇرۇشقا ئوڭاي بولغان خەۋەر سېستىمىسىدۇر.ئىشلەتكۈچىلەر ئارقا سەپ باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن يازما يوللىسا،تەھرىرلىسە ياكى ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن سىز HTML تىلى ۋە ياكى باشىا تىل بىلىشىڭىز ھاجەتسىز،مانا بۇ دەل CMS نىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر.
بۇ قېتىم،مەن بۇيەردە نۆۋەتتە چەتئەل بازارلىدا بىرقەدەر ئېقىۋاتقانPHP لىق مەزمۇن سېستىمىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم(گەرچە ئۆزۈم تۈزۈك بىلمىسەممۇ،ھى ھى ھى)،PHP بىلىمى بارلار يەنە مۇشۇ سېستىمىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزۈڭلارنىڭ توربېتىنى قۇرۇۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. More »