‘ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى�� سەھىپىسىدىكى يازمىلار

shehsbchqwkg شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى

يۈكسەل بلوگىدىكى ‹‹كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى›› نامىدىكى سەرلەۋھەلىك يازما ئېلان كىيىن،بەزى شەخسىي بلوگگېرلار(بلوگچىلار) ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىدى.شۈبھىسىزكى،كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ شەخسىي بلوگلارغا قارىغاندا ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق،ئەمما،شەخسىي بلوگچىلارنىڭ كەلگۈسى چوقۇم كۆپ كىشىلىك بلوگغا ئايلىنىش جەريانىدۇ؟بۇنىسى بىزگە نامەلۇم،بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ئاساسدا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،بەلكىم،يېڭى بلوگ يېزىشنى باشلىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ مەدەت بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.

More »

24ssatlik urux
تەتىلدىن بۇيان،بارلىق دىققىتىم بىلەن كۆرۈۋاتقان ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹‹تېررورلۇققا قارشى 24 سائەت››نىڭ بەشىنچى بۆلۈمىنى شۇنداق قىلىپ تۈگەتتىم،مېڭەمدە ھېلىھەم ئالدىنقى بۆلۈملەردىكى تونۇش ھەمدە مەن ئامراق بولۇپ قالغان مۇھىم پېرسوناژلارنىڭ ئۆلۈمى شۇنداقلا باش پېرسوناژ Jack Bauer نىڭ ئىدراك ئارقىلىق رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش جەريانلىرى قايتىلانماقتا ئىدى… More »

RCWAVATAR [Wordpress تېخنىكىسى]  باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى

قايسى كۈنى،تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاتايىن ئېشىكىنى مېنىپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ ‹‹ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان››لىقىمنى تەبرىكلىگەچ،ئاۋۇ بەت يېنىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمنى سوراپ كەتكەنىدى،مەن ئەپەندىمگە ئالدىراشچىلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ‹‹رېتسىپ››نى كىيىنچە دەپ بىرىشىمنى سوراپ ئىشىمنى قىلىۋىرىپتىمەن،نەدىن بىلەي،ئەپەندى شۇ بىر يامانلاپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،شۇنداق بىر كىشىنى يامانلىتىپ قويغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئاخىرى بۇ رېتسىپلارنى تۇرايىمدا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم،نەسىرىدىن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ئاچچىقى يېنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. More »

asdasd [Wordpress تېخنىكىسى ]Wordpress ئىنكاس رايونىنى بىزەش
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس رايونى ئۈنۈمىگە قىزىققان بەزى تورداشلار ئۇنى قانداق ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئاللار سوراشقانىدى،بۈگۈن،بۇ ئۈنۈملەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يازما تەييارلاپ چىقتىم،قېنى،ھەۋەسكارلار بىرلىكدە ئىزدىنىپ چىقايلى. More »

oyalr Wordpress  &  Pjblog: سەن يامانمۇ مەنمۇ؟...

Pjblogدىن ئايرىلىپ،Wordpressكە كۆچۈپ كېلىۋالغانلىقىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتى،كۆچۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ بۇ يېڭى سېستىمىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ باھانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم.ئەسلىدىكى ئويۇمدا،Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ،ئاندىن بىرەر ئاۋانگارت توپى تەشكىللەپ ياكى قۇرۇلغان شۇ توپقا قوشۇلۇپ Pjblogنىڭ بۇ يېڭى نەشىرىنى كۈتۈۋېلىش ئويىدا يۈرگەنىدىم.كۈتە،كۈتە ساقلا،ساقلاپ تاقىتىم تاق بولۇۋاتاتتى،خۇددىي ‹‹[ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟›› ناملىق يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك،‹‹نەچچە قېتىم Wordpress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم…››(قاراڭ: [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟)،ئەمماPjblog4نىڭ قارىسى تۈگۈل،ئۇچۇرىمۇ يوق بولدى….ئاخىرى،Wordpressنىڭ ئۇسلۇب،قىستۇرما كانى ۋە يېڭىلىنىشچانلىقىنىڭ تىزلىكى قاتارلىق ئامىللار،شۇنداقلا مېنىڭ ‹‹يېڭى تۇرمۇش››نى تېتىپ بېقىش ئارزۇيۇم،ئاخىرى قەدىناس Pjblogدىن خوشلۇشۇپ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،Wordpress دۇنياسى…››دەپ بۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇم.
More »

تۈر:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى | 8 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 25 قېتىم

04 conew1 ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر 3

ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇربەگ، ياخشى تۇرىۋاتقانسەن؟ ئاۋاڭ سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمەليەتتە بالدۇرلا جاۋاب خەت قايتۇرۇش نىيىتىم بار ئىدى، لېكىن بىرنەچچە كۈندىن بىرى دەرىسلىرىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇڭا …
سېنىڭ خەتلىرىڭنى كۆرۈپ جاپالىق ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن شۇ قىسقىغىنە تۆت يىللىق ئىچكىردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى قايتا ئەسلىدىم. راستىنلا نىمىدىگەن گۈزەل چاغلار ئۇ! ئەتىگەن سائەت بەشلەر بىلەن تۇراتتۇق ، يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۈيۈپ بولۇپ كىتاپنى قولىمىزغا ئالاتتۇق. سائەت ئالتە بىلەن تاماققا چىقاتتۇق . مومىلارنى يۈرتىمىزنىڭ نانلىرى كۆرۈپ ، قايناقسۇ ئۇستىگە قۇيۇلغان سۈتنى ئەتكەنچاي بىلىپ ، ئۆتمىسىە چوكا بىلەن ئىتتۇرۇپ ،ئىشقىلىپ نىمە قىلساق كاناي ، ئۇچەيلىرىمىزدىن راۋان ئۆتكۈزەتتۇق ھە! دەرىسىمىز ئاداشمىسام ئالتىدىن 35 دە باشلىناتتىغۇ دەيمەن. ئەتىگەنلىك تەكرارنى قوشساق ئەتىگەندە ئالتە سائەت ئوقاتتۇق ھە! More »

تۈر:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى | 8 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 19 قېتىم

02 conew1 ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر 2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ساۋاقدىشىم ئۇيغۇربەگ؛ جاۋاب خېتىڭنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم،خەتلىرىڭنى ئوقۇغاچ ئاشۇ يات،ئەمما مېھرى ئىسسىق سىنىپنى قايتا ئەسلەپ قالدىم،سىلەر-قەدىرلىك ساۋاقداشلىرىم ھەم ئېسىمگە كەچتى،شۇ تاپتاھەربىرىڭلار بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتىسىلەر، راسىت دەيمەن.ئەنە،ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان خاتىمەنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى، ھەممە ھەيران قالىدىغان مەربىيەنىڭ پۇتۇن بىنانى بىر ئالىدىغان كۈلكىسى، ھەممىمىز تەپ تارتىدىغان ئەسقەتنىڭ قوشما قاشلىرى، سىنېپ باشلىقىمىز نىجاتنىڭ كەلپىنچە ئوماق گەپلىرى،ئاۋۇ قازاق ساۋاقدىشىمىز مارالنىڭ قىزىقلىرى،موڭغۇل دوستىمىز بايىرنىڭ ئوماق ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشلىرى…
More »

تۈر:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى | 5 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 18 قېتىم

alkuyi ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر 1

قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە،دىيارىمىزدا تور ھېلىھەم قامال قىلىقلىق مەزگىللەر ئىدى،ئۆيدىكىلەرگە ياردەملەشكەچ  ئەلكۈيى تورىغا چىقىپ شۇ يەردىكى ئېسىل،ئىجادىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىپ،كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى،ئەلكۈيىدىكى بەزى ئەسەرلەردىن ئېلھامىم تۇتۇپ كېتىپ،مەنمۇ بىر ئەسەر يوللىغانىدىم،ئويلىمىغان يەردىن تور ئۈزۈلگەندىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان تولۇق ئوتتۇرىدىكى دوست ئورنىدىكى ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم،شۇ ھاياجاندا توردا ئاشكارا ھالدا ئۆز-ئارا خەت يىزىشىپ،ئەھۋال سوراشدۇق،بارا-بارا ئەسلىمىلەر قەلئەسىگە ئاتلىنىپ ‹‹ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر››ناملىق بۇ بىر يۈرۈش خەتلەر تەييار بولدى.بۇ خەتلەردە-جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ،بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ بىر قىسىم كارتىنلىرىنى بىلىۋالساق ئەجەب ئەمەس.
More »

uslub conew11 تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى

تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى،نۆۋەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ.

تۇرايىمىزغا ئىشلىتىلگەن ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىمىز گەرچە ئىقتىدارى خېلى كۆپ،چىرايلىق بولغان بولسىمۇ،ئەمما،بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەردە ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغاچقا،زىيارەتچىلىرىمىزگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ،بەزى ئىنكاسلار پەيدا بولغانىدى،بۇ مەسىلىلەرنى ئوڭشاشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى،شۇنداقلا ئەسلىدىلا ئۇسلۇبقا ئارتۇق كىرىپ قالغان ئىقتىدار،شۇنداقلا ئىقتىدار تۇلۇقلاش جەريانىدا قۇشۇلۇپ قالغان كودلار بىرلىشىپ،بلوگ كۆرۈنۈشىنى نورماللاشتۇرۇشقا قۇدرىتىم يەتمىدى.ئاخىرى،زىيارەتچىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇسلۇبنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ چىقتىم.

More »

pjwp Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈش جەريانى

شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن Wordpressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن… More »