‘بلوگ ئۇچۇرلىرى�� سەھىپىسىدىكى يازمىلار

uslub conew11 تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى

تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى،نۆۋەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ.

تۇرايىمىزغا ئىشلىتىلگەن ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىمىز گەرچە ئىقتىدارى خېلى كۆپ،چىرايلىق بولغان بولسىمۇ،ئەمما،بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەردە ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغاچقا،زىيارەتچىلىرىمىزگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ،بەزى ئىنكاسلار پەيدا بولغانىدى،بۇ مەسىلىلەرنى ئوڭشاشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى،شۇنداقلا ئەسلىدىلا ئۇسلۇبقا ئارتۇق كىرىپ قالغان ئىقتىدار،شۇنداقلا ئىقتىدار تۇلۇقلاش جەريانىدا قۇشۇلۇپ قالغان كودلار بىرلىشىپ،بلوگ كۆرۈنۈشىنى نورماللاشتۇرۇشقا قۇدرىتىم يەتمىدى.ئاخىرى،زىيارەتچىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇسلۇبنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ چىقتىم.

More »

Pjblog4نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ ھەركۈنى Pjblogنىڭ باشبېتىنى چۆرگىلەيتىم،ئۇ يەردە ھەركۈنى دىگۈدەك Pjblog4نىڭ جىدىلى بۇلاتتى،بەزىلىرى ئاچقۇچى تەرەپتىن ھىچ بولمىسا Pjblog4نىڭ ئېچىلىش چېكىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا،بەزىلىرى ھىچ بولمىسا ئالدى-كەينى سۇپىسىدىن ئازراق بولسىمۇ قىيما سۆرەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلاتتى،بەزىلىرى ھەتتا يولسىزلارچە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىسە،ئۆزلىرىنىڭ Pjblogنى تاشلاپWordpressكە كۆچىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ،تەھتىت سالاتتى…
ئۇ يەر-يېقىندىن بىرى بەكلا چۆلدەرەپ قالدى،مېنىڭمۇ Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي يەنە باشقىچە بىر سېستىمىنى سىناپ بېقىش ئويۇم كەپقالدى،ئۇنىڭ ئالدىدا Blogbusدىن،Z-blog,mblogلارغىچە چۆرگىلەپ،كوچىلاپ بېقىپتىمەن،كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسامغۇ،Pjblog ھەقىقەتەن ئېسىل،قولايلىق ئىكەن،ئەمما،ئۇ يەنىلا ‹‹جۇڭگۇ››چە ئىدى، ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سېستىمىنى ئېچىۋاتقانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا يېڭىلىشچانلىقى بەك ئاستا ئىدى،،بۇ كەمچىلىكلەر ئاجايىپ ئۈنۈم بىلەن تەسەۋۋۇرغا ماسلاشتۇرۇپ تېخنىكا ئۆگۈنۈشنى ئىزدەيدىغان مەندەك تور ھەۋەسكارىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى،شۇنداق قىلىپ،يېقىندا Wordpressنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم…
بىرنەچچە كۈنلۈك يازما رەتلەش مەزگىلىدە،بلوگ يىزىشدىكى مەقسىدىم شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇزاق ئويلاندىم،بۇ ئويلىنىش ئىچىدە بلوگىمدا ئەسلى ياخشى دەپ باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا،ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق دەپ قارالغان بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم،بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى بىرئاز رەتلەي دەپ نۆۋەتتىكى يېڭى تۇرايىمنىڭ مەزمۇنىغا قوشمۇدۇم،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل مەزگىلى بولۇپ قالغاچ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئېنىقلا يىتەرلىك ئىدى،شۇڭا…مەزمۇن يېڭىلىنىشى ھەمدە سەل ئاستىلايدىغان بولدى.ھىچقىسى يوق،نىشان ئېنىق،ئېنىق نىشاندا مەنزىلىمگە ھامان يېتۇرمەن.
ئويلىماپتىكەنمەن،Wordpress ھەقىقەتەن بىر كانكەن،سەرخىل قىستۇرمىلار،كۆركەم ئۇسلۇبلار…مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي Wordpress غا سالام ئېيتىپ،ئۇنىڭ دۇنياسىغا قەدەم ئالدىم،ئىھ،بۇ قەدەملىرىم قۇتلۇق بولغىيدى!

تۈر:بلوگ ئۇچۇرلىرى | 4 ئىنكاس چۈشتى |ئوقۇلىشى: 4 قېتىم

ASP ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەندىن بىرى ھەرخىل چوڭ-كىچىك سېستىمىلار بىلەن ئېتىشىپ يۈرۈپ،بۈگۈن ناھايىتى قولايلىق رولى بار بۇ سېستىمىنى يەنى-بلوگ توپلىمى سېستىمىسىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
بۇ سېستىمىنى مەندىن بۇرۇن ئۇستازىم بولمىش سەبۇرى ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ چىققانىكەن،شۇنداق بولسىمۇ،مەن ئۆگىنىش يۈزىسىدىن يەنە بىر قېتىم، ئۆزۈممۇ بىر قوللۇق ئىشلەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۇرايىمىزنىڭ بىر قانىلى سۈپىتىدە ئىشلەتتىم.

ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى،ھازىرچە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم بلوگلار بلوگ جەمگاھىغا قۇشۇلدى،قالغانلىرىنى بلوگ ئاپتورلىرى ئىختىيارىي ھالدا ئىلتىماس قىلسا ۋە ياكى بلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسا،بۇ توپلامنىڭ كەڭ تورداشلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن!…
توپلام ئادرىسى:
http://www.uyghurbeg.net/jamga/

ۋاقتى : 2010-يىلى 1-مايدىن 31-ئۆكتەبىرگىچە.
ئورنى:شاڭخەي شەھەر مەركىزى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن لۇپۇ چوڭ كۆۋرۈكى ئوتتۇرىسىدىكى بېنجياڭ رايونى.
باش تېمىسى: شەھەر تۇرمۇشىنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش.
قوشۇمچە تېمىسى: شەھەر كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش؛ شەھەر ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش؛ شەھەر پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ شەھەر مەھەللىسىنى قايتا قۇرۇش؛ شەھەر ۋە يېزىلارنى ئۆزئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش.
نىشانى:200 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 70 مىليون ئادەم (قېتىم) ئېكىسكۇرسىيەچىنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش.

sbh [تەبرىكنامە]41 نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسىگە مۇبارەك !
w20105564731 [تەبرىكنامە]41 نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسىگە مۇبارەك !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك تورداشلار،

بۈگۈن،دىيارىمىزدىكى مىللەتپەرۋەر،خەلقپەرۋەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ پلانلىشى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى كۈنى!بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى،بۇ بايرامنىڭ ئەجداد مەنىۋىي مىراسىنىڭ ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈدىغان كۆۋرۈك بۇلىشىنى،شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مىللىي كىملىك ھەققىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن كىشىلىرىمىزگە ماياتنىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ھەممىڭلارنىڭ دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

y20105717453 [تەبرىكنامە] تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قۇتلايمىز

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا WordPress 3.0 beta 2 بۈگۈن رەسىمىي ھالدا تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ نەشىرىدىكى WordPressدە ئاساسلىقى ئابونت كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلانغان بولۇپ،قاچىلاش ھەمدە چىقىرىش ئىقتىدارلىرىدا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولايلىق ھالداBeta 2نەشىرىگە كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
WordPress 3.0 beta 2دە يېڭىلانغان مەزمۇن:
1.تىزىملىك قايتا تەڭشەلگەن بولۇپ،ئابونت كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلانغان.
2.بولۇپ،قاچىلاش ھەمدە چىقىرىش ئىقتىدارلىرىدا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولايلىق ھالداBeta 2نەشىرىگە كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
3.تىل بۇلىقى تېخىمۇ موللاشقان.
4.بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرى كۈچەيگەن.

820105107656 [تىز ئۇچۇرلار] WordPress 3.0 beta 2 بۈگۈن رەسىمىي ئېلان قىلىندى
ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

Wordpress ھەققىدە
Wordpress بولسا ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان،ئىشلىتىشكە ھەم قولايلىق بولغان مەزمۇن سېستىمىسى.بېشىدا،مەزكۇر سېستىمىنىڭ نىشانى بلوگ سېستىمىسىغا قوللىنىش ئىدى.بىراق،كىيىنچە بارا بارا مودىغا ئايلانغاندىن كىيىن ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە مۇكەممەشلىشىشكە قاراپ ماڭدى،بۇ سېستىمىغا بىرقىسىم يېڭى ئىقتىدار ۋە قۇشۇمچە(插件) قوشۇشقا بۇلىدۇ.
بۇ سېستىما PHP تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ،PHP ۋە MySQL ساندانلىق مۇلازىمىتىردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە توربەتلەردىن ئۇزھال لايىھە تورى دەل مۇشۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان.
ئۇزھال تورى ئادرىسى:
http://www.uzhal.com

بامدات نامىزىمدىن يېنىپ،ئىختىيارسىز ھالدا كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئەلكۈيى توربېتىنى ئاچىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،ئەلكۈيىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى،قىزغىن تورداشلارنى يەنە بىررەت كۆرۈشنى ئىستەيتىم،ئىچكىرىدىكى مەزمۇنسىز توربەتلەر،مەزمۇنسىز جىدەللەرگە ئوخشىمايدىغان ئۈمىدۋارلىققا،گۈزەل ئارمانغا باشلايدىغان،رېغبەتلىك يازمىلارغا ئىنتىلەتتىم،بۈگۈن ئاخىرى بۇ ئارمىنىم ئەمەلگە ئاشتى،بۈگۈن تور ھەقىقەتەن ئېچىلىپتۇ،بۇ راستكەن!
ئاھ،شۇ تاپتا خۇشاللىقىمدىن ئۇخلاشدىن رايىم يېنىپ دىيارىمىزدىكى توربەتلەرنى كۆرۈشكە ئالدىرىغاچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،تور ئېچىلىپتۇ،تور ئېچىلىپتۇ! دىگەن سۆزلەرنى مەن بىلىدىغان چ چ توپلىرىدا تارقىتىپ يۈرگەچ ئۆتكەن كۈنلەردىكى غېرىبچىلىقىمنىڭ تەلتۈكۈس يوقىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

تور ئېچىلدى،ئېچىلدى ھەم كۈلكىمىز،
قىش كەينىدىن باھار كەلگەن ھامان بار.
تور ئېچىلدى،يوقاپ كەتتى غېرىبلىق،
ياخشى كۈنلەر يېتىپ كېلەر زامان بار.

مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلار،بىز كۈتكەن مىنۇتلار يىتىپ كەپتۇ!….

تەۋسىيە توربەتلەر:
http://alkuyi.com/
http://ulinix.com/
http://ulinix.cn
http://www.xjcfan.com