- سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
- | باھا:51
- | زىيارەت: 1,194 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، بلوگ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تۇراداشلار، ياخشى تۇرۇپسىزلەر! تۇرايىمىز ئالدىنقى ئاينىڭ 14-چىسلا تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، تا ھازىرغا قەدەر نورمال ئېچىلماي كەلدى. تا ھازىرغىچە، تور تۇرايىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن باشقا دوست-بلوگگېرلار، چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ ئاتامانلىرى تۇرايىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۇچۇرىنى سۈيلەپ، تۇرانىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈلدە بۇلۇشتى. كۆرگىنىڭىزدەك، ئارىدىن ئاز كەم بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرايىمىز دەسلەپكى قەدەمدە ئەسلىگە كەلدى.
تۇرايىمىزنى كۆرۈپ بىر يەرلىرىنىڭ كاملىقىنى ھېس قىلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق، نۇرغۇن جايلارنى يوقاتتۇق، تور تۇرا بىر قېتىملىق تازىلىنىشقا دۇچ كەلدى، ئالدىنقى مەزگىللەردە مەن بلوگنىڭ يازمىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بلوگنىڭ قوغدىلىنىشىغا ئەھمىيەت بەرمەي كەپتىمەن، شۇنداق قىلىپ تۇيۇقسىز كەلگەن بوراندا بلوگنىڭ بارلىق ساندانىنى يوقاتتىم، ساندان زاپاسلىماي كەلگەن قېرى بلوگ بۇ شامالغا بەرداشلىق بىرەلمىدى. مەن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم، پرېستان ئىككىمىزنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئەمگىكىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى مەن ئۈچۈن چوڭ زەربە بولدى، بولدىلا، مۇشۇ پېتىلا يوقاپ كېتەيلى دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما…ئەمما، ئۇنداق ئاسانلا يوقاپ كېتىشكە ئاخىرى ئۇنىمىدىم، چۈنكى، بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان بلوگگېرلىرىمىز نۇرغۇن ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ قايتىپ كېلىشىمىزنى سوراۋاتاتتى، ئاخىرى، بىر يىل بۇرۇنقى سانداننى تېپىپ كېلىپ، ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇشنى قارار كۆردۈم. شۇنداق قىلىپ بىر قانچە كۈن ھەپىلىشىپ، تور تۇرايىمىزنى ھازىرقى ھالەتتە ئېچىپ تۇردۇم. تور تۇرانىڭ ساندانى يوقاپ، تاقالغان شۇ دەملەردە ئەينى چاغ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ «بىز بلوگگېرلار ناھايىتى ئىناق، ئىجىل!»دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم. بلوگ تاقالغان مەزگىللەردە ۋەتەن، تور خۇمار، ۋىرۇس، ئەرك، ئىزتىل، لوپنۇرى، بۆرەتېگىن قاتارلىق بلوگگېرلار بلوگنىڭ ئېچىلىش ئىشىغا ئىزچىل دىققەتتە بولۇپ كەلدى، كۆككەپتەر بلوگى، قۇتبىلىك بلوگى ۋە تەدبىركارلار بلوگ ساندانىنى قۇتقۇزۇشتا ناھايىتى چوڭ ياردەملەرنى بەردى، مۇرشىدى ئەپەندىممۇ يىراق ياپونىيەدە تۇرۇپ، بۇ ئىشتا ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى، ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ناھايىتى خۇش بولدۇم. بلوگگېرلارنىڭ ئىناقلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتىم… شۇ تاپ قولىمىزدا بەگ تۇرانىڭ تاقىلىشتىن بۇرۇنقى يازما ئۇچۇرلىرى بار، بىر يىللىق يازمىلارنى قولدا بىر-بىرىلەپ كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرۈشكە ئىشەنچىم كامىل. ئىنشائاللاھ، ئىشلىرىمىز قايتىدىن رەتكە سېلىنىپ، بلوگ قايتا يۈرۈشسە، بلوگگېرلارغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭىلاندى
بىر كۈنلۈك تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇرۇنقى يازمىلار توپ-تۇلۇق ئەسلىگە قايتۇرۇلدى، ئەپسۇسكى، يازمىلارغا چۈشكەن ئىنكاس ۋە كۆرۈلۈش قېتىم سانى دېگەندەك باشقا ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىدى، تۇرانىڭ باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى پۈتتۈرگەن ھامان تۇرا بۇرۇنقىدەك قايتىدىن يېڭىلىنىپ ماڭغۇسى!...
ئىسمىم ئۇيغۇربەگ،ئەركىلەتمە ئىسمىم «بىگىم»، يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، مىكروبلوگلىرىم : ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى


Wordpress تېخنىكىسى
Wordpress ئۇسلۇبلىرى
بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
Wordpress قىستۇرمىسى
بىز كۆرگەن فىلىملەر
تۇرا يېڭىلىقلىرى