‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى

blog

WordPressنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Automattic بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG نامىنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ نامنى تىزىملىتىشنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن.  ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تورنامى بلوگنىڭ تورنامى قىلىۋېلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ. تورنامى ئىزدەۋاتقان ھەمدە تۈزۈكرەك ئىسىم تاپالمايۋاتقانلارغا بۇ يېڭى ھەم خاس تورنامىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا قىسقا ئىسىملارنىمۇ تىزىملىتىۋېلىشقا بولىدۇ، پېقىرمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ تۆت خانىلىق بىر ساز ئىسىمدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم.

[ئۇيغۇرچە خەتلىك] ئۈمىد بەسەن & پامەلا – سېنى ئۇنتۇشقا ئۆمرۈم يېتەرمۇ

umit-besen-pamela

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ‎ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە – تۈركچە قوش خەتلىك تەرجىمە ناخشىلىرىم بۇنىڭدىن كېيىن سۇبات ئەڭ ئاۋۋال يوللىنىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولغۇسى. خەتلىك ناخشا ياكى تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا بۈگۈن سونغان ناخشىمىز بولسا: ئۈمىد بەسەن & پامەلا – سېنى ئۇنتۇشقا ئۆمرۈم يېتەرمۇ…

فاتىھ ئايدىڭ ئىجراسىدا ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە خەتلىك تۈركچە ناخشا – خۇش كەلدىڭ

maxresdefault_%e5%89%af%e6%9c%ac

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ‎ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە – تۈركچە قوش خەتلىك تەرجىمە ناخشىلىرىم بۇنىڭدىن كېيىن سۇبات ئەڭ ئاۋۋال يوللىنىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولغۇسى. خەتلىك ناخشا ياكى تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا بۈگۈن سونغان ناخشىمىز بولسا: فاتىخ ئايدىڭ ئىجراسىدا مۇڭ ناخشا – خۇش كەلدىڭ…

مۇستافا جەجەلى & ماھىر زايىن – ئۇ سەن ئىدىڭكى(ئۇيغۇرچە – تۈركچە خەتلىك)

cloztjfuoaepca0

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرالماي قالغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن، گەرچە بلوگغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ تۇرغان بولساممۇ ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىدىم، ئەمما ئېلخەتلەرگە مۇناسىپ جاۋابلارنى بېرىپ تۇردۇم. ھېچ بولمىسا مەۋجۇدلىقىمدىن خەۋەردار بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن بلوگغا نەچچە ئاي بۇرۇن تۇنجى ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالغان مۇستافا جەجەلى بىلەن ماھىر زايىن بىرلىكتە ئىجرا قىلغان يېڭى ناخشىسى «ئۇ سەن ئىدىڭكى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم. گەرچە مەزكۇر ناخشىنىڭ باشقىلار قىلغان تەرجىمىسىنى كۆرگەن بولساممۇ، ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا بولغىنىدەك، مېنىڭ تەرجىمەمنىڭمۇ پۇرىقى باشقىدۇر دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە.

مۇرات بوز – مۇلايىم (ئۇيغۇرچە – تۈركچە خەتلىك شوخ ناخشا)

murat boz janti

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. قۇتلۇق تويۇمنى قىلىۋالغان يېقىنقى بىر ئايدىن بىرى كومپىيۇتېر ئالدىغا كېلىشكە پۇرسەت بولماي ماڭا قالدۇرۇلغان ئېنكاس، ئېلخەتلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمىدىم. بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم چىقىپ مۇرات بوزنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان ۋە بۇرۇن خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ تەييارلاپ قويغان ناخشىسى «مۇلايىم»نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم. مۇرات بوزنىڭ بۇ ناخشىسى نۆۋەتتە تۈركىيەدە قىزغىن تىڭشالماقتا، ئىشىنىمەنكى كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرى بۇ ناخشىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغۇسى.

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئايلا چەلىك & بەياز – باغدات (تۈركچە – ئۇيغۇرچە خەتلىك)

maxresdefault

ئادەملەرنىڭ شۇنداق بىر ۋاقتى بولىدۇ، تېلىفونلار كەلسە ئالغۇسى كەلمەيدىغان، گېزىت – كىتاب ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان، سۆيگەن بىرىنى كۈتۈپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان. بەزىدە بىر كىتابدىن بىر پارچە شېئىر، بىر روماندىن بىر تال ناخشا سىزنىڭ ئىچىڭىزدىكى ھەممىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۈگۈن مەن ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مەزكۇر تۈركچە – ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشىمۇ سىزنىڭ مۇڭلىرىڭىزغا بارىدۇ…

تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە

domains

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئالدى بىلەن 12 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزان ئېيىڭلارنى ئىچىمدىن مۇبارەكلەيمەن ھەمدە تۇتقان روزاڭلار، قىلغان ئىبادىتىڭلارغا مىڭ ھەسسە ساۋاب يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى  ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېڭى ئەپ فونتزارنىڭ Android نۇسخىسى تۇخۇمدىن چىقتى

fontzar-appp

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مېھمان. فونتزار – مەخسۇس ئەپ ۋە توربېكەت ياسىغۇچى شۇنداقلا لايىھىلىگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بولۇپ، يەتمىشدىن ئارتۇق لايىھە ۋە توربېكەت – ئەپ قۇرۇلىشىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇھىم ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ ئايفون ئەپىدىكى ئۈنۈمىنى ئەپنىڭ ئىچىدىلا كۆرۈپ، لايىھە ۋە توربېكەت – ئەپ قۇرۇلىشىنىڭ ئىھتىياجىغا قارىتا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە فونت تاللىشىغا ياردەمچى قورال بۇلالايدۇ. ئالدىنقى رەت مەزكۇر ئەپنىڭ ئالما نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولساق، بۇ قېتىم Android نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇق.